نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1277 | 9 | 42 | لو كان عرضا قريبا وسفرا قاصدا لاتبعوك ولكن بعدت عليهم الشقة وسيحلفون بالله لو استطعنا لخرجنا معكم يهلكون أنفسهم والله يعلم إنهم لكاذبون |
| | | ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ، اﷲ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك - شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر |
|
1278 | 9 | 43 | عفا الله عنك لم أذنت لهم حتى يتبين لك الذين صدقوا وتعلم الكاذبين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) اﷲ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ |
|
1279 | 9 | 44 | لا يستأذنك الذين يؤمنون بالله واليوم الآخر أن يجاهدوا بأموالهم وأنفسهم والله عليم بالمتقين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. اﷲ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ |
|
1280 | 9 | 45 | إنما يستأذنك الذين لا يؤمنون بالله واليوم الآخر وارتابت قلوبهم فهم في ريبهم يترددون |
| | | (ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ |
|
1281 | 9 | 46 | ولو أرادوا الخروج لأعدوا له عدة ولكن كره الله انبعاثهم فثبطهم وقيل اقعدوا مع القاعدين |
| | | ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن اﷲ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى |
|
1282 | 9 | 47 | لو خرجوا فيكم ما زادوكم إلا خبالا ولأوضعوا خلالكم يبغونكم الفتنة وفيكم سماعون لهم والله عليم بالظالمين |
| | | ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە - پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى،. ئاراڭلاردا ئۇلار ئۈچۈن تىڭ - تىڭلايدىغانلار بار، اﷲ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى - تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر |
|
1283 | 9 | 48 | لقد ابتغوا الفتنة من قبل وقلبوا لك الأمور حتى جاء الحق وظهر أمر الله وهم كارهون |
| | | ئىلگىرى ئۇلار تاكى اﷲ نىڭ ياردىمى كەلگەنگە، اﷲ نىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر |
|
1284 | 9 | 49 | ومنهم من يقول ائذن لي ولا تفتني ألا في الفتنة سقطوا وإن جهنم لمحيطة بالكافرين |
| | | ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا) رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن (يەنى رۇمنىڭ ئاياللىرى بىلەن گۇناھ قىلىپ سېلىشىمغا سەۋەبچى بولمىغىن)» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر |
|
1285 | 9 | 50 | إن تصبك حسنة تسؤهم وإن تصبك مصيبة يقولوا قد أخذنا أمرنا من قبل ويتولوا وهم فرحون |
| | | ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ |
|
1286 | 9 | 51 | قل لن يصيبنا إلا ما كتب الله لنا هو مولانا وعلى الله فليتوكل المؤمنون |
| | | ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت اﷲ نىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)» |
|