نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1221 | 8 | 61 | وإن جنحوا للسلم فاجنح لها وتوكل على الله إنه هو السميع العليم |
| | | ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
1222 | 8 | 62 | وإن يريدوا أن يخدعوك فإن حسبك الله هو الذي أيدك بنصره وبالمؤمنين |
| | | ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، اﷲ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. اﷲ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ |
|
1223 | 8 | 63 | وألف بين قلوبهم لو أنفقت ما في الأرض جميعا ما ألفت بين قلوبهم ولكن الله ألف بينهم إنه عزيز حكيم |
| | | اﷲ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ؛ لېكىن اﷲ (ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
1224 | 8 | 64 | يا أيها النبي حسبك الله ومن اتبعك من المؤمنين |
| | | ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) اﷲ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر |
|
1225 | 8 | 65 | يا أيها النبي حرض المؤمنين على القتال إن يكن منكم عشرون صابرون يغلبوا مائتين وإن يكن منكم مائة يغلبوا ألفا من الذين كفروا بأنهم قوم لا يفقهون |
| | | ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ |
|
1226 | 8 | 66 | الآن خفف الله عنكم وعلم أن فيكم ضعفا فإن يكن منكم مائة صابرة يغلبوا مائتين وإن يكن منكم ألف يغلبوا ألفين بإذن الله والله مع الصابرين |
| | | اﷲ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. اﷲ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر |
|
1227 | 8 | 67 | ما كان لنبي أن يكون له أسرى حتى يثخن في الأرض تريدون عرض الدنيا والله يريد الآخرة والله عزيز حكيم |
| | | پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئىتىنى كۆزلەيسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
1228 | 8 | 68 | لولا كتاب من الله سبق لمسكم فيما أخذتم عذاب عظيم |
| | | اﷲ نىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزىلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار |
|
1229 | 8 | 69 | فكلوا مما غنمتم حلالا طيبا واتقوا الله إن الله غفور رحيم |
| | | (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر |
|
1230 | 8 | 70 | يا أيها النبي قل لمن في أيديكم من الأسرى إن يعلم الله في قلوبكم خيرا يؤتكم خيرا مما أخذ منكم ويغفر لكم والله غفور رحيم |
| | | ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر اﷲ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، اﷲ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر |
|