نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1117 | 7 | 163 | واسألهم عن القرية التي كانت حاضرة البحر إذ يعدون في السبت إذ تأتيهم حيتانهم يوم سبتهم شرعا ويوم لا يسبتون لا تأتيهم كذلك نبلوهم بما كانوا يفسقون |
| | | ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە اﷲ نىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى، شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن. ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز |
|
1118 | 7 | 164 | وإذ قالت أمة منهم لم تعظون قوما الله مهلكهم أو معذبهم عذابا شديدا قالوا معذرة إلى ربكم ولعلهم يتقون |
| | | ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەملەر: اﷲ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ تىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى |
|
1119 | 7 | 165 | فلما نسوا ما ذكروا به أنجينا الذين ينهون عن السوء وأخذنا الذين ظلموا بعذاب بئيس بما كانوا يفسقون |
| | | ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، اﷲ نىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق |
|
1120 | 7 | 166 | فلما عتوا عن ما نهوا عنه قلنا لهم كونوا قردة خاسئين |
| | | ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق |
|
1121 | 7 | 167 | وإذ تأذن ربك ليبعثن عليهم إلى يوم القيامة من يسومهم سوء العذاب إن ربك لسريع العقاب وإنه لغفور رحيم |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر |
|
1122 | 7 | 168 | وقطعناهم في الأرض أمما منهم الصالحون ومنهم دون ذلك وبلوناهم بالحسنات والسيئات لعلهم يرجعون |
| | | ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق |
|
1123 | 7 | 169 | فخلف من بعدهم خلف ورثوا الكتاب يأخذون عرض هذا الأدنى ويقولون سيغفر لنا وإن يأتهم عرض مثله يأخذوه ألم يؤخذ عليهم ميثاق الكتاب أن لا يقولوا على الله إلا الحق ودرسوا ما فيه والدار الآخرة خير للذين يتقون أفلا تعقلون |
| | | ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل - مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى اﷲ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل - مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) اﷲ قا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى تەرك ئېتىپ، اﷲ تىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ |
|
1124 | 7 | 170 | والذين يمسكون بالكتاب وأقاموا الصلاة إنا لا نضيع أجر المصلحين |
| | | كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز |
|
1125 | 7 | 171 | وإذ نتقنا الجبل فوقهم كأنه ظلة وظنوا أنه واقع بهم خذوا ما آتيناكم بقوة واذكروا ما فيه لعلكم تتقون |
| | | ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تاغنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» |
|
1126 | 7 | 172 | وإذ أخذ ربك من بني آدم من ظهورهم ذريتهم وأشهدهم على أنفسهم ألست بربكم قالوا بلى شهدنا أن تقولوا يوم القيامة إنا كنا عن هذا غافلين |
| | | ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر |
|