نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1089 | 7 | 135 | فلما كشفنا عنهم الرجز إلى أجل هم بالغوه إذا هم ينكثون |
| | | ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى |
|
1090 | 7 | 136 | فانتقمنا منهم فأغرقناهم في اليم بأنهم كذبوا بآياتنا وكانوا عنها غافلين |
| | | ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق |
|
1091 | 7 | 137 | وأورثنا القوم الذين كانوا يستضعفون مشارق الأرض ومغاربها التي باركنا فيها وتمت كلمت ربك الحسنى على بني إسرائيل بما صبروا ودمرنا ما كان يصنع فرعون وقومه وما كانوا يعرشون |
| | | بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق |
|
1092 | 7 | 138 | وجاوزنا ببني إسرائيل البحر فأتوا على قوم يعكفون على أصنام لهم قالوا يا موسى اجعل لنا إلها كما لهم آلهة قال إنكم قوم تجهلون |
| | | ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى |
|
1093 | 7 | 139 | إن هؤلاء متبر ما هم فيه وباطل ما كانوا يعملون |
| | | شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر |
|
1094 | 7 | 140 | قال أغير الله أبغيكم إلها وهو فضلكم على العالمين |
| | | مۇسا: «اﷲ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى |
|
1095 | 7 | 141 | وإذ أنجيناكم من آل فرعون يسومونكم سوء العذاب يقتلون أبناءكم ويستحيون نساءكم وفي ذلكم بلاء من ربكم عظيم |
| | | ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى |
|
1096 | 7 | 142 | وواعدنا موسى ثلاثين ليلة وأتممناها بعشر فتم ميقات ربه أربعين ليلة وقال موسى لأخيه هارون اخلفني في قومي وأصلح ولا تتبع سبيل المفسدين |
| | | مۇسا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى |
|
1097 | 7 | 143 | ولما جاء موسى لميقاتنا وكلمه ربه قال رب أرني أنظر إليك قال لن تراني ولكن انظر إلى الجبل فإن استقر مكانه فسوف تراني فلما تجلى ربه للجبل جعله دكا وخر موسى صعقا فلما أفاق قال سبحانك تبت إليك وأنا أول المؤمنين |
| | | مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆ قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. اﷲ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى |
|
1098 | 7 | 144 | قال يا موسى إني اصطفيتك على الناس برسالاتي وبكلامي فخذ ما آتيتك وكن من الشاكرين |
| | | اﷲ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، ساڭا مەن ئاتا قىلغن پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» |
|