نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1058 | 7 | 104 | وقال موسى يا فرعون إني رسول من رب العالمين |
| | | مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن |
|
1059 | 7 | 105 | حقيق على أن لا أقول على الله إلا الحق قد جئتكم ببينة من ربكم فأرسل معي بني إسرائيل |
| | | اﷲ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)» |
|
1060 | 7 | 106 | قال إن كنت جئت بآية فأت بها إن كنت من الصادقين |
| | | پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى |
|
1061 | 7 | 107 | فألقى عصاه فإذا هي ثعبان مبين |
| | | مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى |
|
1062 | 7 | 108 | ونزع يده فإذا هي بيضاء للناظرين |
| | | قولىنى (ياقىسىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى |
|
1063 | 7 | 109 | قال الملأ من قوم فرعون إن هذا لساحر عليم |
| | | پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن |
|
1064 | 7 | 110 | يريد أن يخرجكم من أرضكم فماذا تأمرون |
| | | ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» |
|
1065 | 7 | 111 | قالوا أرجه وأخاه وأرسل في المدائن حاشرين |
| | | ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن |
|
1066 | 7 | 112 | يأتوك بكل ساحر عليم |
| | | ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن» |
|
1067 | 7 | 113 | وجاء السحرة فرعون قالوا إن لنا لأجرا إن كنا نحن الغالبين |
| | | (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى |
|