نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1038 | 7 | 84 | وأمطرنا عليهم مطرا فانظر كيف كان عاقبة المجرمين |
| | | ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن |
|
1039 | 7 | 85 | وإلى مدين أخاهم شعيبا قال يا قوم اعبدوا الله ما لكم من إله غيره قد جاءتكم بينة من ربكم فأوفوا الكيل والميزان ولا تبخسوا الناس أشياءهم ولا تفسدوا في الأرض بعد إصلاحها ذلكم خير لكم إن كنتم مؤمنين |
| | | مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (اﷲ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر |
|
1040 | 7 | 86 | ولا تقعدوا بكل صراط توعدون وتصدون عن سبيل الله من آمن به وتبغونها عوجا واذكروا إذ كنتم قليلا فكثركم وانظروا كيف كان عاقبة المفسدين |
| | | سىلەر اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، اﷲ نىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار، ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، اﷲ نىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار |
|
1041 | 7 | 87 | وإن كان طائفة منكم آمنوا بالذي أرسلت به وطائفة لم يؤمنوا فاصبروا حتى يحكم الله بيننا وهو خير الحاكمين |
| | | ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، اﷲ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. اﷲ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» |
|
1042 | 7 | 88 | قال الملأ الذين استكبروا من قومه لنخرجنك يا شعيب والذين آمنوا معك من قريتنا أو لتعودن في ملتنا قال أولو كنا كارهين |
| | | شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يامان كۆرۈدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى |
|
1043 | 7 | 89 | قد افترينا على الله كذبا إن عدنا في ملتكم بعد إذ نجانا الله منها وما يكون لنا أن نعود فيها إلا أن يشاء الله ربنا وسع ربنا كل شيء علما على الله توكلنا ربنا افتح بيننا وبين قومنا بالحق وأنت خير الفاتحين |
| | | (شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «اﷲ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، اﷲ قا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز اﷲ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، اﷲ قا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى اﷲ قا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىز ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» |
|
1044 | 7 | 90 | وقال الملأ الذين كفروا من قومه لئن اتبعتم شعيبا إنكم إذا لخاسرون |
| | | ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى |
|
1045 | 7 | 91 | فأخذتهم الرجفة فأصبحوا في دارهم جاثمين |
| | | ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى |
|
1046 | 7 | 92 | الذين كذبوا شعيبا كأن لم يغنوا فيها الذين كذبوا شعيبا كانوا هم الخاسرين |
| | | شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (اﷲ نىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى |
|
1047 | 7 | 93 | فتولى عنهم وقال يا قوم لقد أبلغتكم رسالات ربي ونصحت لكم فكيف آسى على قوم كافرين |
| | | شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى |
|