نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1015 | 7 | 61 | قال يا قوم ليس بي ضلالة ولكني رسول من رب العالمين |
| | | نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن |
|
1016 | 7 | 62 | أبلغكم رسالات ربي وأنصح لكم وأعلم من الله ما لا تعلمون |
| | | سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن اﷲ نىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن |
|
1017 | 7 | 63 | أوعجبتم أن جاءكم ذكر من ربكم على رجل منكم لينذركم ولتتقوا ولعلكم ترحمون |
| | | سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كېلىشىدىن ئەجەبلەنمەمسىلەر؟ ›› |
|
1018 | 7 | 64 | فكذبوه فأنجيناه والذين معه في الفلك وأغرقنا الذين كذبوا بآياتنا إنهم كانوا قوما عمين |
| | | ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى |
|
1019 | 7 | 65 | وإلى عاد أخاهم هودا قال يا قوم اعبدوا الله ما لكم من إله غيره أفلا تتقون |
| | | ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ ›› دېدى |
|
1020 | 7 | 66 | قال الملأ الذين كفروا من قومه إنا لنراك في سفاهة وإنا لنظنك من الكاذبين |
| | | ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى |
|
1021 | 7 | 67 | قال يا قوم ليس بي سفاهة ولكني رسول من رب العالمين |
| | | ھۇد ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن |
|
1022 | 7 | 68 | أبلغكم رسالات ربي وأنا لكم ناصح أمين |
| | | سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن |
|
1023 | 7 | 69 | أوعجبتم أن جاءكم ذكر من ربكم على رجل منكم لينذركم واذكروا إذ جعلكم خلفاء من بعد قوم نوح وزادكم في الخلق بسطة فاذكروا آلاء الله لعلكم تفلحون |
| | | پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، اﷲ نىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى ۋۇجۇدۇڭلارنى، قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار |
|
1024 | 7 | 70 | قالوا أجئتنا لنعبد الله وحده ونذر ما كان يعبد آباؤنا فأتنا بما تعدنا إن كنت من الصادقين |
| | | ئۇلار: ‹‹ (ئى ھۇد) ئاتا - بوۋىللىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن›› دېدى |
|